|
|
|
خوتەن ئېھسان ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى |
|
خوتەن ئېھسان ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تېبابەت تەتقىقاتچىسى ئۆمەرجان ئىسمايىل ئەپەندىنىڭ ئارزۇسى ۋە ۋەسىيىتىگە ئاساسەن 2002-يىلى قۇرۇلغان، ئۆمەرجان ئىسمايىل ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر ئۆمۈر زېھنىي كۈچىنى ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان. ئۇ ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تونۇلغان شائىر ۋە ئاممىۋى پائالىيەتچى ئىدى. خوتەن ئېھسان ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى قۇرۇلغان 23 يىلدىن بۇيان، خوتەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا دوختۇرخانىنىڭ كۆلىمى تېز تەرەققىي قىلدى، تېببىي خادىملارنىڭ سانى 120 نەپەردىن، كېسەل كارىۋىتى سانى دوختۇرخانا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى نەچچە ئوندىن ھازىرقى80 گە يەتتى؛ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جۇڭيى تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان داۋالاش ئاپپاراتى بولۇپ شەكىللىنىپ، كەسىپداشلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشتى. خوتەن ئېھسان ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى 2007-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا راك كېسەللىكى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ جېنگو ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور ۋاڭ جېنگو بىلەن ھەمكارلىشىپ، راك كېسەللىكى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەمئىيىتىگە ئەزا ئورۇنغا ھەمدە جېنگو داۋالاش گۇرۇھىنىڭ بىۋاسىتە ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندى. جېنگو داۋالاش گۇرۇھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جېنگو داۋالاش گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ كىلىنىكىلىق بازىسى قۇرۇلدى. بۇ دوختۇرخانا مەزكۇر بازىغا تايىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن، شۇنداقلا ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە. |