راك كىسەللىكى

سەرتان داۋالاش گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى
 پەرھات ئۆمەرجان

  سەرتان داۋالاش گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى پەرھات ئۆمەرجان 1999-يىلى شىنجاڭ تېببىي داشۆنىڭ غەرب تېبابىتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن ھەم ئالىي تېخنىكوم دىپلومىغا ئېرىشكەن، 2001-يىلى شىنجاڭ تېببىي داشۆنىڭ جۇڭيى تېبابىتى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ تولۇق كۇرس دىپلومىغا ئېرىشكەن؛ 2002-يىلى خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدا خوتەن ئېھسان ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنى قۇرغان. 2003-يىلى ئۇنىڭ «ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش قامۇسى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ، ئوخشاش كەسىپتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2003-يىل 8-ئايدا ئۇنىڭ «ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى «2003-يىللىق خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىي يىغىنى»نىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇش جەريانىدا يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، تېببىي مۇتەخەسسىس، كەسىپداشلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ھەمدە «2003-يىللىق خەلقئارا ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك ئىلمىي يىغىنى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى» دېگەن خەلقئارا يىغىن گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بېيجىڭ پايتەخت تېببىي داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرۇش-ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، 2009-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بېيجىڭ پايتەخت تېببىي داشۆسىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى «بېيجىڭ جېنگو ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى»غا بىلىم ئاشۇرۇشقا كىرگەن ھەم پىروفېسسور ۋاڭ جېنگونىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە «بېيجىڭ ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى»نىڭ بۆلۈم ئەزاسى، «بېيجىڭ جېنگو جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى»نىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇپ، «چاڭبەيشەن دورا تەتقىقات ئورنى»دا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.
2020-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىشى ۋە كەسىپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭ سەرتان داۋالاش گۇرۇھى بارلىققا كەلدى. سەرتان داۋالاش گۇرۇھى خوتەن ئېھسان ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، خوتەن ئېھسان ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى جۇڭيى تېبابىتىنى ئاساس، غەرب تېبابىتىنى قوشۇمچە قىلغان، جۇڭيى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك مەخسۇس دوختۇرخانا.

راك كىسەللىكى